خەۋەرلەرگە قارىغاندا،ئامازون(جۇڭگو)،سۇنىڭ قولايلىق مال سېتىۋىلىش تورى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى بىر قانچە B2C سودا توربېكىتى iPad تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىشتىن توختاتقان.ئىگەللىنىشىچە،ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىغا ئالما بىلەن ۋىيگۈەندىن ئىبارەت بۇ ئىككى شىركەت ئوتتۇرىسىدىكى ماركا ھوقوقى دەۋاسى سەۋەبچى بولغان ئىكەن.
2011-يىلى12-ئايدا،ئالما شىركىتى شېنجېن ۋىيگۈەن پەن-تېخنىكا شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ،ئالما تاختا كومپىيۇتېرىنىڭ iPad ماركا ھوقوقىنى جۇڭگو ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن تۆلەم بىرىشنى تەلەپ قىلغان،بىراق،ئەرز سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قايتۇرىۋىتىلگەن.بۇ يىل 1-ئايدا،ئالما شىركىتى سوت مەھكىمىسىگە يەنە قايتىدىن ئەرز سۇنغان،نۆۋەتتە،ئىككىنچى قېتىملىق سوتقا تېخى ھۆكۈم چىقىرىلمىغان.
بىراق،بۇ مەزگىلدە ۋىيگۈەن شىركىتىمۇ جىم تۇرمىغان.ئالدىنقى ھەپتە،ۋىيگۈەن شىركىتى شاڭخەي سوت مەھكىمىسىگە ئېلتىماس سۇنۇپ،ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سېتىلىۋاتقان iPad نى سېتىشتىن توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە،ۋىيگۈەن شىركىتى مەمۇرىي قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ،قىسمەن جايلاردىكى سودا-سانائەت تارماقلىرىغا ئالما تاختا كومپىيۇتېرى iPad نىڭ سېتىلىشىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا،شېجىياجۇاڭ سودا شەھەرچىسى سودا-سانائەت تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىپ،iPad تاختا كومپىيۇتېرىنى سېتىشتىن توختاتقان.
تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن،تېڭشۈن پەن-تېخنىكا تورىنىڭ تەكشۈرۈشىچە،ئامازون،سۇنىڭ قولايلىق مال سېتىۋىلىش تورى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى بىر قانچە B2C سودا توربېكىتىمۇ iPad تاختا كومپىيۇتېرىنى سېتىشتىن توختاتقان،بۇندىن باشقا،جىڭدوڭ سودا شەھەرچىسىمۇ يىقىندا iPad نى سېتىشتىن توختاتقاندىن كىيىن،يەنە قايتىدىن سېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
يۇقارقى شىركەتلەرنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى iPad تاختا كومپىيۇتېرىنىڭ سېتىشتىن توختىتىلىش ئەھۋالىغا قارىتا ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
بىراق،داڭ داڭ تورى،شىندەن،كۇبا تورى،گومېي ئېلېكتىرونى قاتارلىق تور سودا شەھەرچىلىرى يەنىلاiPad نى نورمال ھالدا سېتىۋەرگەن.
ۋىيگۈەن شىركىتىنىڭ سودا-سانائەت تارماقلىرىغا ئېلتىماس سۇنۇپ،iPad نى سېتىشتىن توختىتىشنى تەلەپ قىلىش قىلمىشىغا قارىتا،كەسپى خادىملار ئارىسىدا بىر قەدەر چوڭ غۇلغۇلا بولغان.
بىر قىسىم كىشىلەر،نۆۋەتتە بۇ دەۋا تېخى ئىككىنچى سوتنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ،تېخى ھۆكۈم چىقىرىلمىغان بىر دەۋاغا نىسبەتەن،مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي ۋاستىلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ،iPad نى سېتىشتىن توختىتىپ قويۇشى قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قارىغان.
يەنە بىر قىسىم ئادۋوكاتلار بولسا،دۆلىتىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقوقىنى قوغداش قانۇنىنى ئەدىلىيە ۋە مەمۇرىي ئورگانلار قوش تەرەپلىمە باشقۇرۇپ يۈرگۈزىدۇ،ماركا ھوقوقى دەۋاسىنى سوتقا ئەرز سۇنۇشقىمۇ بولىدۇ،سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقىمۇ بولىدۇ دەپ قارىغان.
نۆۋەتتە،بىرىنچى سوتنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىگە ئاساسەن،iPad نىڭ ماركا ھوقوقى ۋىيگۈەن شىركىتىگە مەنسۇپ.سودا-سانائەت تارماقلىرىغا نىسبەتەن ئىيتقاندا،ھازىرقى ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش ئەھۋالى بويىچە قارىغاندا،بۇنىڭدا ھىچقانداق مەسىلە يوق.
شاڭخەي داباڭ ئادۋوكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى مۇنداق دەيدۇ:
«سوت مەھكىمىسى ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىشتىن ئاۋۋال،سودا-سانائەت تارماقلىرى ئادەتتە بۇنداق تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى ماركا ھوقوقى دەۋاسىغا قارىتا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى،بۇ بەلكىم جايلاردىكى سودا-سانائەت تارماقلىرىنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ بىردەك بولمىغانلىقىدىن بولسا كىرەك.»
ئىگەللىنىشىچە،ئالما تاختا كومپىيۇتېرى iPad نىڭ جۇڭگو ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ماركا ھوقوقى دەۋاسىدا،ئاساسلىق مەسىلە ۋىيگۈەن تەيبېي بىلەن ۋىيگۈن شېنجىن شىركىتىنى بىر گەۋدە دەپ قاراشقا بولامدۇ-يوق دىگەن نۇقتىغا بىرىپ چېتىلىدىكەن.سوت مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى سوتىدا،ئالما شىركىتى ۋىيگۈەن خەلىقئارا شىركىتى ۋەكىلىنىڭ ۋىيگۈەن پەن-تېخنىكا شىركىتىگە ۋەكىل بولالايدىغانلىقىنى ئېسپاتلاپ چىقالمىغان،نۇرغۇنلىغان ئادۋوكاتلار،ئىككىنچى سوتتا يەنىلا ۋىيگۈەن شىركىتىنىڭ دەۋادا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى دەپ قاراشماقتا.
ئەگەر سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىدە ئالما شىركىتى مەغلۇپ بولسا،ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى B2C سودا توربېكەتلىرىدە سېتىلىشتىن توختىشى ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.